ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا جايلاشقان خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر مېھمانخانا قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، كەم دېگەندە ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. مەزكۇر ھۇجۇمدىن كېيىن خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاي پۇقرالىرىنى ئافغانىستاندىن تېزرەك ئايرىلىشقا چاقىردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، قوراللىق كىشىلەر 12-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، كابۇلدىكى بىر مېھمانخانىغا بېسىپ كىرىپ قوراللىق ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، كەم دېگەندە ئۈچ ئادەم ئۆلگەن. گۇۋاھچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مېھمانخانىدا ئاز دېگەندە بەش قېتىم پارتلاش ۋە بىر قانچە پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان. ھۇجۇمدىن كېيىن دائىش قوراللىق تەشكىلاتى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ۋاڭ ۋېنبىن بۇ قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدا بەش خىتاي پۇقراسى يارىلانغانلىقىنى، بىر نەچچە ئافغانىستان ساقچىسى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئافغانىستاندا خىتاي پۇقرالىرىغا يوليورۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندىن بالدۇرراق ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىك ھۆكۈمىتىنى تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا، ۋەقەنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تېررورچىلارنى سوتقا تارتىشقا چاقىرغان.
ئەمما ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا خىتاي دىپلومات خادىمىنىڭ ئىككى تۇغقىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئاشكارىماسلىق مەسىلىسىدە كېلىشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ