خىتاي ئامېرىكىنىڭ جازالاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى,

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 12-دېكابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ: «ئامېرىكا تىبەت مەسىلىسى سەۋەبلىك ئىككى خىتاي ئەمەلدارىنى جازالىغان، خىتاي بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قانۇنسىز جازالىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار قىلمىشلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا 9-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە ئورۇن ۋە شەخسكە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تىبەتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كومپارتىيە سېكرېتارى بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىككى نەپەر دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئەمەلدارىمۇ بار بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىم ئەنە شۇ جازاغا قارشى ھەر دائىمقىدەك ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 598 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2022 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق