زەيتىنبۇرنۇ خەلقى خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى 10-دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك خەلق پىيادە يۈرۈش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى تەشكىللىدى.

پائالىيەتنى زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى يەرلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن پىيادە يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. يۈرۈش داۋامىدا 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسىدە ئېچىنىشلىق ئۆلۈمگە تاشلاپ قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن خەلق خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىشىكنى تاقاپ قەستەن ئوتقا ئىتتىرىش قىلمىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام  قىلدۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئۆيلەرگە قاماپ ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش، كېسەللەرنى داۋالىماي تاشلاپ ئۆلۈمگە تاشلاپ قويۇش قاتارلىق جىنايەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە دۇنيانىڭ بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلماسلىقى ۋە توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلدى.

شۇ كۈنى يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەدەنىيەت مەركىزىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرىي ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1494 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2022 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق