خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىراندا زىيارەتتە بولدى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇ چۈنخۇانىڭ ئالدىنقى ھەپتە شى جىنپىڭنىڭ رىياد زىيارىتى ۋە ئۇ يەردىكى ئىراننى بىئارام قىلغان سۆزلىرىدىن كېيىنلا ئىراندا زىيارەتتە بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

دۇنيا كۈنتەرتىپى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خۇ چۈنخۇانىڭ تېھران زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئىران خىتاي-پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان پارىس قولتۇقىدىكى ئۈچ ئارال ھەققىدە خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن خىتاي-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ «ئەنئەنىۋى دوستلۇق» نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىران بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ياخشىلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئىران بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ پۇختا ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر خۇنىڭ زىيارىتى بۇ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئىراننىڭ قاتتىق نارازىلىقىنىڭ كەينىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتنىڭ، ئىراننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش زىيارىتى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئىراندىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، شى جىنىپىڭنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئالدىدا مەيلى پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بولسۇن، مەيلى ئىران ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بولسۇن ھەممىسى يالغان ياۋىداق سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ پەلەستىن ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئەزەلىي دۈشمىنى بولغان ئىسرائىلىيە ۋە ئىران بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 739 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2022 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق