خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى چېگرادا توقۇنۇشقان بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرى ئېنىقسىز چېگرا لىنىيەسىنى بەلگىلەيدىغان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمەي يارىلانغان.
ئابولو خەۋەرلىرى تورى ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى 9-دېكابىر ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېشتىكى چېگرا رايونىدا توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرىدىن يارىلانغانلار بار بولۇپ، خىتاي تەرەپ تېخىچە توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن ھىندىستان تەرەپتىن ئالتە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ھىندىستان تەرەپ بولسا كۆپلىگەن ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى ۋەقەدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ دەرھال رايوندىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، رايوندىكى ھىندىستان قوماندانلىرىنىڭ خىتاي قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رويترس ئاگېنتلىقىغا توقۇنۇشتا يارىلانغان ھىندىستان ياكى خىتاي ئەسكەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. خىتاينىڭ يېڭى دېھلىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرمىغان.
ھىندىستان تاراتقۇلىرى خىتاي ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا 9-دېكابىر ئېنىقسىز چېگرا لىنىيەسىنى بەلگىلەيدىغان ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى (LAC) بويىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 300 دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرىنىڭ 17000 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان چوققىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لاداخ رايونىدىكى گالۋان ۋادىسىدا 2020-يىلى 15-ئىيۇندا، ھىندىستان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى قازا قىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بولسا تۆت ئەسكىرىنىڭ توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ