ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر خىتاي مېھمانخانىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، 21 ئادەم يارىلانغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 12-دېكابىر كابۇلدا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان خىتاي مېھمانخانىسى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ۋەقەدە ئۈچ ھۇجۇمچى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
يەرشارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مېھمانخانا خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى گۈييۈەن مېھمانخانىسى ئىكەن. ۋەقەدە 21 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئىككىسى چەت ئەللىك ئىكەن.
ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21 ئادەم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، زەرەقىلدى 18 ى يارىلانغان. ئۈچى دوختۇرخانىغا يۆتكەش داۋامىدا ئۆلگەن.
ئافغانىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۇجۇم شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر پارتلاش ۋە قورال ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان. مېھمانخانا بىناسىدىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13-دېكابىر دائىشنىڭ خۇراسان ئۆلكىسى تارمىقى كابۇلدىكى مېھمانسارايغا قىلىنغان ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى خىتاي پۇقرالىرى يىغىلغان بىر مېھمانخانىغا قىلىنغان مەزكۇر ھۇجۇمنى خىتاي بىلەن باغلىنىشى بولمىغان ۋەقە قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتىكەن.
تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، كابۇلنىڭ نېۋ رايونىدىكى خىتاي مېھمانخانىسىدىن چەت ئەللىكلەرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ئىككى چەت ئەل پۇقراسىنىڭ مېھمانخانا دېرىزىسىدىن سەكرەپ قېچىش جەريانىدا يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ