خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئۆزەك ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) نىڭ خىتاينىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنىڭ زۆرۈر يولى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا ئەرز سۇنغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئۆزەك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، يەر شارى سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالدى دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ قوللانغان قەدەملىرىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئاساسىي ئىقتىسادىي قائىدىلەرگە شۇنداقلا خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋە سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، تىنچ تەرەققىياتنىڭ دۇنيا مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ۋايسىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر ئەرزىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى دۇنيانىڭ ئاللىبۇرۇن بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ يامان غەرىزىنى بىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر