ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقى، تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بايان قىلىندى.

ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى دانىيال كرىتېنبرىنك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالىي دېرىكتورى لاۋرا روسېنبېرگېرنىڭ بېيجىڭغا قوشنا خېبېي ئۆلكىسىگە جايلاشقان لاڭفاڭ شەھىرىدە خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇچرىشىشتا خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن باشقا تەيۋەن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، ھەر دەرىجىلىك ئۆز-ئارا ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە بۇ زىيارەتنىڭ ئالدىمىزدىكى يىل بېشىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ تەييارلىق سۆھبىتى ماھىيىتىدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتايدىن كېيىن جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 568 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2022 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق