خىتاي لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈر يولىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ھەمدە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشىنى راۋانلاشتۇرۇشتەك رەزىل مەقسىتىدە، لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريولى جىڭ-ئالاتاۋ تۆمۈر يولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيەسىدە ئىش باشلىغان. 

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە 4-پەسىللىك زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ جېنفاڭ لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2-لىنىيەسىدە ئىش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 

 خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ليۇ جېنفاڭ يىغىندا سىنلىق سۆز قىلىپ، لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريولى جىڭ ـ ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسى تۈرى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىگە جايلاشقانلىقىنى، لىنىيە جىڭ ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، جىڭ ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئالاتاۋ ۋوگزالىغا تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى،  غول لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولۇپ، 1 ـ دەرىجىلىك ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريولى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، قۇرۇلۇش مۇددىتىنىڭ ئىككى يىل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريولى، جىڭ-ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان 2 ـ لىنىيەسى يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ۋە دۆلەت تۆمۈريولى تورى ئاساسىي رامكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىي ئىكەن. خىتاي بۇ يول ئارقىلىق خىتاي ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز يولىنىڭ رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونىنىڭ پاختا، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى پويىزلارنى كۈتۈۋالىدىغان، يولغا سالىدىغان، گۇرۇپپىلايدىغان ئەڭ چوڭ «پورت» ياساپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە يېقىندىن بىرى خىتاي ۋىرۇسى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى توختاپ قالغان. خىتاي ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى كۈچەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىغان.  

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر 

بۇ خەۋەر 1207 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2022 17:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق