خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي داخې تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر مۇخبىر باياناتچى تەن كېفېيدىن: «ئامېرىكا يېقىندا تەيۋەنگە 428 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئايروپىلان زاپچاسلىرى ۋە ئالاقىدار جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟» دەپ سورىغان.

باياناتچى تەن كېفېي جاۋابىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ مەيدانىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق پەرۋا قىلمىغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئارىلىشىپ، بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەن كېفېي جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىق تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى بىلەن خۇددى ئوت بىلەن سۇ چىقىشالمىغاندەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە سېتىپ بېرىش ئۈچۈن تەستىقلىغان قورال-ياراغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 428 مىليون دوللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئايروپىلان زاپچاسلىرى بار ئىكەن. زاپچاسلارغا كېتىدىغان خىراجەت 330 مىليون دوللار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 523 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2022 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق