ئامېرىكا خىتاي بىلەن توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلماقتا

ئامېرىكا ھەربىي خامچوتى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ھەربىي توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تۈركىيە خەلقئارا تورىنىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن مايك گاللاگېر ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن رەسمىي توقۇنۇشقا كىرىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەر بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە خىتاي  بىلەن ھەربىي تىركىشىشنى پىلانلاش ئۈچۈن 2023-يىلى ئارمىيەگە بىر تىرىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىش ھەققىدە بېلەت تاشلىدى.

ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنىدىكى بېلەت تاشلاشتا، دېموكراتچىلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن تەلەپ قىلغاندىن 45 مىليارد دوللار، بۇلتۇرقى خامچوتتىن %8 كۆپ ھالدا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە 858 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشقا قوشۇلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋىسكونسىن ۋەكىلى مايك گاللاگېر خامچوتنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇ يىلقى NDAA (دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنى) كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ھىندى تىنچ ئوكياندىكى كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، ھەمدە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوللاش ئارقىلىق خىتاي بىلەن كەلگۈسىدە بولىدىغان توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشتا كونكرېت قەدەم بېسىۋاتىدۇ» دېدى.

ھەربىي خامچوتتا ئامېرىكىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم تەيۋەننى بىۋاسىتە قوراللاندۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئون يىل جەريانىدا ئون مىليارد دوللارلىق قورال – ياراق ياردىمى قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. قانۇن لايىھەسىدە 438 قېتىم تەيۋەنگە، 237 قېتىم رۇسىيەگە، 159 قېتىم ئۇكرائىناغا ئىشارەت قىلىنىشى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىگە تېخىمۇ جىددىي قاراۋاتقانلىقىنىڭ ئىشارىتى ئىكەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ قوماندانى گېنېرال داۋىد بېرگېر ئالدىنقى ھەپتە ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىغا تېزرەك ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «مەن تېخىمۇ تېز ھەرىكەت قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. نېمىشقا دەپ سورامسىز؟ چۈنكى سىز قارشى تەرەپنىڭ قاچان ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز» دېگەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 2023-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت نورماللاشقاندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈۋاتقان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەر پۇرسەتتە تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ زىيارەت يېقىندىن دىققەت قوزغىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 553 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2022 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق