ياپونىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىشلار رەئىسى ھاگىئۇدا كوئىچى تەيۋەندىكى ھازىرقى ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىشلار رەئىسى ھاگىئۇدا كوئىچى (Hagiuda Koichi) تەيبېي زىيارىتى جەريانىدا قاتناشقان مۇنبەردە قىلغان سۆزىدە، خىتاينى رايوندا جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى بۇزىدىغان رايوندىكى ھەربىي بېسىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ رايون ھالىتىنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە 8-ئايدا خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئەسكەرتىپ: «بېيجىڭ ھەربىي جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك» دېدى.
ھاگىئۇدا يەنە ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى تەكىتلەپ: «ياپونىيە زەربە بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك» دېدى.
تەيبېي زىيارىتىدە تەيۋەن پىرىزدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەن ھاگىئۇدا توكيو-تەيبېي ھەمكارلىقىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر