ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ھەق-ھوقۇقىنى ئىزدەش» تېمىسىدا سۆھبەت ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 

يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىمدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، خەلقئارا پاناھلانغۇچىلار ھەقلىرى جەمئىيىتى، IHH ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، شۇنداقلا يەرلىك خەلق ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم، خەلقئارا پاناھلانغۇچىلار ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ئادۋوكات ئابدۇللاھ رەسۇل دەمىر، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىقلار ئايرىم ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلدى. 

ئارقىدىن سۆھبەت يىغىنى باشلىنىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىش، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئايرىم-ئايرىم تېما تەرىقىسىدە قويۇلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1499 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2022 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق