خىتاي ما يۈننى تولۇق يوقاتتىمۇ؟

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن غايىب بولغان ما يۈننىڭ تۇيۇقسىز ياپونىيەدە پەيدا بولۇشى دىققەت قوزغىدى ۋە ئۇ خىتايغا قايتامدۇ-يوق، دېگەن سوئالغا قىزىققۇچىلار كۆپەيدى.

ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ما يۈن ئۆزى باشچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شىركەت ۋە ئورگانلاردىن ئىستېپا بېرىشكە باشلىغان.

ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن خىتايدا ئۆزى قۇرغان سودا گۇرۇپپىسى جېجياڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرلىقىدىن ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، شىركەت چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مىلياردېر ما يۈننىڭ ھازىر بۇ گۇرۇھنىڭ مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ما يۈننىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر گۇرۇھ تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەر بايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خىتاي ئىچى-سىرتىدا مۇھىم ئالاقىسى بار بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ماكانى ئىدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، جېجياڭ گۇرۇھىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى يىغىلىشلىرىدا دائىم نۇتۇقلىرى بىلەن قاتنىشاتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ خىتايدا بولالمىغاچقا، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشمىغان.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ما يۈننى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق جازالىغانىدى. مايۈن 2020-يىلى شاڭخەيدە خىتاينىڭ ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئەيىبلەپ نۇتۇق سۆزلىگەندىن بۇيان ئارقا – ئارقىدىن زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى ۋە شىركەتلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلدى.

نەتىجىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ما يۈننىڭ چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ 37 مىليارد دوللارلىق پاي چېكىنى خەلققە ئېچىش ھەرىكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە شىركەتنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئەھۋال مايۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە كارخانىچىلارغىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.

خىتاينىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ما يۈن 2019-يىلى ئەلى بابا مۇدىرىيىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، 55 ياشتا رەسمىي پېنسىيەگە چىقتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ما يۈننىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بىر مەزگىل كىشىلەرگە كۆرۈنمىگەنلىكى مەلۇم ئىدى.

مايۈن يېقىندا ياپونىيەدە پەيدا بولغان بولۇپ، يېقىنلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇ نۆۋەتتە ۋاقتىنى كىنداي ئۇنىۋېرسىتېتى بېلىقچىلىق تەتقىقات ئورنىدا بېلىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆزىتىش بىلەن ئۆتكۈزمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1178 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2022 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق