ئامېرىكا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئون نەچچە شەخس ۋە ئورۇننى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تىبەتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كومپارتىيە سېكرېتارى بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىككى نەپەر دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىق ئىشلىرى ئەمەلدارىمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا 9-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە ئورۇن ۋە شەخسكە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر ئىچىدە رۇسىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى ۋە ئىران ئەمەلدارلىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك جازالانغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پۇقراسى لى جېنيۈ ۋە جۇ شىنروڭ ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك 10 ئورگان جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇلار ناسداك قۇرغان پىڭتان دېڭىز-ئوكيان سانائەت چەكلىك شىركىتى PME قاتارلىقلار بولۇپ، جۇ شىنروڭ ناسىداكنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ئىكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2021-يىلى ناسداك قارمىقىدىكى فۇجيەن ئۆلكىسى پىڭتان ناھىيەسىگە جايلاشقان ئوكيان بېلىقچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خىتايدىن 19 مىليون دوللار تولۇقلىما ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ پاراخوتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغان ھەمدە ھىندونېزىيە ۋە ئېكۋاتوردىكى قانۇنسىز، تەرتىپسىز بېلىق تۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا قانۇنسىز پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 884 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2022 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق