نورۋېگىيەدە باشلانغان «كۆك مۇستەقىللىق» ھەرىكىتى كېڭەيمەكتە

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قاتتىق قامال، ئاچ قويۇش، خورلاش جىنايەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر ئوت پاجىئەسى يۈز بېرىپ، 44 ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار يارىلانغانىدى. نەتىجىدە ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى، ئارقىدىن خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەللەردە خىتاينىڭ ئاق قەغەز كۆتۈرۈپ، يۇقۇم قامالىنى بوشىتىشتىن باشلاپ، شى جىنپىڭنى ئىستېپاغا چاقىرىشقىچە بولغان ھەرىكەت كېڭەيگەنىدى. چەت ئەللەردىكى قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتايلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىغۇلارچە قوشۇلۇپ كېتىشىگە قارشى دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار ئىتتىپاقى خىتايلارنىڭ ئاق قەغەز ھەرىكىتىنىڭ ئورنىغا «كۆك مۇستەقىللىق» نامىدا ھەشتەگ بىلەن ھەرىكەت باشلىدى.

بۇ ھەرىكەتتە كۆك رەڭلىك قەغەزنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىغا، مۇستەقىللىقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق زۇلۇم، خورلۇقتىن قۇتۇلۇشتىكى بىردىنبىر يولىنىڭ پەقەتلا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى، باشقا ھەرقانداق چارىنىڭ ۋاقىتلىق ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى تەكىتلەندى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۆك قەغەز ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرىلدى.

نۆۋەتتە ياشلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قىسقا فىلىم ۋە كۆك قەغەز ھەرىكىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، شۇ دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلقمۇ بۇ ھەرىكەتنى قوللىماقتا.

«كۆك مۇستەقىللىق» ھەرىكىتى نۆۋەتتە نورۋېگىيەدىن باشقا تۈركىيە، شىۋېتسىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار ئىتتىپاقى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2012 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2022 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق