خىتاي رېجىمى ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئۇدا ئاشۇرغانلىقى مەسىلىسىدە ياپونىيەگە تەھدىت سېلىپ: «ياپونىيە ھەربىي بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى سۆز-ھەرىكىتىدە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 6-دېكابىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا مۇخبرلارنىڭ ياپونىيەگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ياپونىيەگە تەھدىت سالغان.
باياناتچى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنىڭ ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتى ئۇدا 10 يىل ئاشقانلىقىنى، ياپونىيە يەنە ھە دېسىلا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆپتۈرگەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچ جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، بۇ يۈزلىنىش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ياپونىيەنىڭ «مەخسۇس مۇداپىئە» نى ساقلىيالايدىغان-ساقلىيالمايدىغانلىقى، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرالايدىغان-تۇرالمايدىغانلىقىدىن قاتتىق گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىدى.
باياناتچى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەگە تەھدىت سېلىپ: «ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىي ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەربىي بىخەتەرلىك ساھەسىدە سۆز ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ياسۇكازۇ ھامادا قاتارلىقلار 5-دېكابىر كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، تەخمىنەن 43 تىرىليون يېنغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ياپونىيە ۋە خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «ياپونىيە-خىتاي مۇنبىرى» يىغىنىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ ۋىدىيو ئەۋەتىپ، ياپونىيەنى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى دۇنيا ئىقتىسادىدىن چىقىرىۋېتىش پىلانىنى قوللىماسلىققا چاقىرغان ۋە ئىككى دۆلەتنى «مەڭگۈلۈك قوشنا» دەپ تەرىپلەپ، خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتىلغان يامان غەرەزلىك غەۋغالارغا قارشى ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مۇنبەرگە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسامۇ ۋىدىيو ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە نۇرغۇن ھەمكارلىق ساھەلىرى بار بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر