خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 7-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۇلۇبى، ئىسلام مەدەنىيىتى كۇلۇبى ۋە تۈرك كۈلتۈرى ۋە تارىخى تەتقىقات كۇلۇبى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.
شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكانمۇ تۈركىيەنىڭ دېنىزلى ۋىلايىتىدىكى مۇھەممەد سەرتەر ئانادولۇ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئەھمەد يەسەۋى ئانادولۇ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە دېنىزلى ۋىلايىتى IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى قاتارلىق جايلاردا شەرقىي تۈركىستاننى ۋە نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان 8-دېكابىر تۈركىيەنىڭ بارتىن ۋىلايىتىدىكى بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانىي قىممەت قاراش ۋە مەدەنىيەتلەر كۇلۇبى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئاسارەتتىكى تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستان» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاي ئىشغالىيىتىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننى ۋە نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى.
شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىكى ھەرقايسى ئەزا تەشكىلات رەھبەرلىرىمۇ ھەرقايسى قاناللاردا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرگە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بىلدۈرۈشتى.