ھىندونېزىيە نىكاھ سىرتىدىكى مۇناسىۋەتكە قارشى قانۇن ماقۇللىدى

ھىندونېزىيە پارلامېنتى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نىكاھسىز بىللە تۇرۇش بىلەن نىكاھ سىرتىدىكى مۇناسىۋەتنى چەكلەشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيە پارلامېنتى 6-دېكابىر جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نىكاھ سىرتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى تۈزىتىلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئىجراسى ھىندونېزىيە پۇقرالىرى ۋە چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش بولۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇندا يەنە توي قىلمىغانلارنىڭ بىللە تۇرۇشى چەكلەنگەن. يېڭى قانۇندا يەنە پىرېزىدېنت ياكى دۆلەت ئورگانلىرىنى ھاقارەتلەش، دۆلەتنىڭ ئەقىدە ۋە ئىدېئولوگىيەسىگە زىت قاراشلارنى تارقىتىش ھەمدە رۇخسەت ئالماي نامايىش قىلىش چەكلەنگەن.

مەزكۇر جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى پارلامېنتتا مۇزاكىرە ۋە بېلەت تاشلاشقا سۇنۇلغاندا، ھىندونېزىيەدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يېڭى قانۇننىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىغا ئۈچ يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەپسىلىي قائىدىلەرنى تۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنى زىنا-پاھىشەنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تويدىن بۇرۇنقى مۇناسىۋەت قىلمىشىلىرىنى جازالىمايدىكەن.

ھىندونېزىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئالبېرت ئارىسنىڭAlbert Aries ئېيتىشىچە، يېڭى قانۇن ئاساسلىقى ئەخلاقى جەھەتتىن نازارەتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئەمما نىكاھسىز مۇناسىۋەتنى پاش قىلالايدىغان كىشىلەر پەقەت قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى، جورىسى ۋە بالىلىرى بىلەنلا چەكلىنىدىكەن.

ئالبېرت ئارىس بۇ ھەقتە: «جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى مەقسەت نىكاھ تۈزۈمى ۋە ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتتە شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداش، ئاۋامنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئۈچىنچى بىر تەرەپ ھەققىدە خالىغانچە دېلو مەلۇم قىلىش ياكى ئەخلاق نامىدا خالىغانچە سوتچى بولۇۋېلىشىغا يول قويماسلىقتىن ئىبارەت» دېگەن.

ھىندونېزىيەنىڭ قانۇنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى ياسوننا لائولى قىسمەن كىشىلەرنىڭ مەزكۇر قانۇنغا قارشى قىلغان ئاساسسىز تەنقىدلىرىگە جاۋابەن: «كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە كۆپ تىللىق دۆلەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان جىنايى ئىشلار قانۇنىنى تۈزۈش ئاسان ئىش ئەمەس» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەب

بۇ خەۋەر 1042 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2022 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق