خىتايدىكى قامال بوشىتىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار داۋاملىق قامالدا تۇرماقتا

خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشىكلەرنى تاقاپ خەلقنى ئاچلىق ۋە ئۆلۈمگە ئىتتىرىش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۈرۈمچىدىكى ئوت پاجىئەسىدە 44 كىشى ئېچىنىشلىق ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. خىتاينىڭ قاتتىق قامال قىلىشىغا چىدىمىغان خەلق 24-نويابىر كەچتە خىتايغا قارشى ئومۇميۈزلۈك قارشىلىق كۆرسەتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى نارازىلىق ھەرىكىتى خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، چەت ئەلگىچە كېڭىيىپ، خىتاي رېجىمىنى ساراسىمىگە سالدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن خىتاي رېجىمى خىتاي ئۆلكىلىرىدە قامالنى تەدرىجىي بوشىتىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى قامالنى بوشاتمىغانلىقى ئايدىڭلاشماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بېيجىڭدىن-گۈيجۇغىچە، شاڭخەيدىن-لوياڭغىچە، ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرى»نى داۋاملىق بوشاتقان. ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەندە ۋە چىققاندا سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. توسۇقلاردىن ئۆتكەندە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئىسپاتى كۆرسىتىش قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ تاللا بازىرى، سودا سارىيى ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرگەندە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش ئادىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى، مەھەللە (يېزا) زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كىنىشكىسى تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

5-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايوندىكى شەھەر ئاھالىسى ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق يېپىق ھالقىلىق مەشغۇلات قىلىدىغان خەتىرى يۇقىرى ئىش ئورنىدىكى كەسىپدارلار يەنىلا تەلەپ بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىتا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېخىچە قامالنى بوشاتمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ۋە ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرى»غا قاماش ئىزچىل تۈردە داۋام قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان كەمسىتىش، ئاتالمىش «تېررور» تۆھمىتى، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئەسەبىي كۈچلەرنى تازىلاش» نامىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم قامالنى بوشىتىش مەسىلىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئاتالمىش «ئالاھىدە رايون» دېگەن نامنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قامالنى بوشاتمىغانلىقىنى، ئەمما تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا بولسا «ھەممە مىللەت باراۋەر» دېگەن سەپسەتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەب 

بۇ خەۋەر 1462 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2022 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق