ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىقى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى مەزكۇر ھەمكارلىقنىڭ خىتايغا قارىتىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 5-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، خىتاينى باھانە قىلىپ قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر باياناتچى ماۋ نىڭدىن: «ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شېرمان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى سانىنو (Stefano Sannino) بىلەن 4-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-ياۋروپا-خىتاي مەسىلىسى يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، بەزى مەسىلىلەردە خىتاينى ئەيىبلىگەن. خىتاي بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دەپ سورىغان.
باياناتچى ماۋ نىڭ جاۋابەن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، خىتايغا قارا چاپلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە، خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىشقا ئۈندىگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ئۈندىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېكىتى 2-دېكابىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شېرماننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى سانىنو بىلەن 4-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-ياۋروپا-خىتاي مەسىلىسى يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى، سۆھبەت داۋامىدا خىتاينىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ساھەسىدىكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى قانداق چەكلەش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ئۇندىن باشقا ئىككى تەرەپ تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسى ۋە تەيۋەن بوغۇزى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەب