خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ھەرىكەت قىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ھەققىدە ئەرەب ئىسلام ئەللىرىگە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى.
چاقىرىقتا خىتاي رېجىمى كاتتىبېشى شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن باشلانغان ئىككى كۈنلۈك سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي زىيارىتى ۋە بۇ زىيارەت جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان «خىتاي-سەئۇدى ئەربىستان، خىتاي-پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى» قاتارلىق ئۈچ چوڭ يىغىن تەشكىللەيدىغانلىقى، ھالبۇكى ئەرەب ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن تەشكىللىمەكچى بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى قۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوق قىلىش سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر جەھەتتىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەت ئىجرا قىلىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكى، 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتىنى چېقىۋەتكەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى دۆلەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە قارىتا بىر قاتار تەدبىر ۋە ئۇسۇللىرىنى قوللانغانلىقى ۋە خىتايغا ھەرخىل جازا ۋە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ سەزگۈر بولۇشى كېرەك بولغان بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
چاقىرىقتا يەنە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەرەب ئىسلام ئەللىرى بىلەن دۇنيا قاراش، ئەقىدە، ھەمدە تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى قىسقا ئىكەنلىكى، ئەرەب ئەللىرىنىڭ خىتاينى ھەقىقىي شەكىلدە چۈشەنمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدە ھەرخىل ناملار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ساھەسىگە سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋاسىتە ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىغا سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكى، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
چاقىرىق ئاخىرىدا بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە كاپىرغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ. كىمكى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننى ئازابتىن خالاس قىلسا، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى ئازابتىن خالاس قىلىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ سەۋەنلىكىنى ياپسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ خاتالىقىنى ياپىدۇ» (بۇخارى 2422، مۇسلىم 2580.).
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر