ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ياسۇكازۇ ھامادا قاتارلىقلار 5-دېكابىر كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، تەخمىنەن 43 تىرىليون يېنغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2023-يىلىدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، تەخمىنەن 43 تىرىليون يېن ئومۇمىي مۇداپىئە خامچوتىنى «مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ تەييارلىق پىلانى» غا كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان. بۇ مەبلەغنى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا بۇيۇملارغا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن. بۇ نۆۋەتتىكى «ئوتتۇرا مەزگىللىك مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ خام چوت پىلانى» (2019-2023) دىكى تەخمىنەن 27 تىرىليون 470 مىليارد يېنغا سېلىشتۇرغاندا 1.5 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. بۇ نۆۋەتلىك مۇداپىئە خامچوت پىلانى 2023-يىلىدىن 2027-يىلغىچە بولۇپلا قالماي، بەلكى 2027-يىلدىن كېيىنمۇ مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كۈچىنى داۋاملىق مۇقىملاشتۇرىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 5-نويابىر كەچتە كىشىدا مالىيە ۋەزىرى شۇنىچى سۇزۇكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ياسۇكازۇ ھاماداننى تۇرالغۇسىغا چاقىرىپ يوليورۇق بەرگەن.
دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ھامادا باش ۋەزىر كىشىدا بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ خىل تەدبىر بىلەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى، دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى ۋە قوغدىنىش قىسىملىرى مەزكۇر مەبلەغ بىلەن ئۆز ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئادا قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى مەسىلىسىدە باش ۋەزىر كىشىدا ئالدىنقى ھەپتە ھۆكۈمەتكە مۇداپىئە خامچوت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىپ، 2027-يىلغىچە بولغان مالىيە يىلىدا دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك چىقىمنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ %2 كە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇق قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت مۇداپىئە كۈچى تەييارلىق پىلانى» نىڭ نامى «ئوتتۇرا مەزگىللىك مۇداپىئە كۈچى تەييارلىق پىلانى» دىن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، يېڭى «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كابىنېت يىغىنىدا تاماملىنىدىكەن. بۇ نىشاننىڭ مۇددىتى 10 يىللىق بولۇپ، ئالدىنقى بەش يىللىق مۇداپىئە چىقىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش بۇ قېتىم ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ