شەرقىي تۈركىستاندىكى غەلىتە ھادىسە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن غەلىتە ۋەقەنى ئالدى بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھى بايقىغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتايمۇ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر جايدىكى چوڭ ئورەك ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھىغا سىرلىق ھالدا يەر يۈزىدە غايەت زور ئوت كۆيگەندەك كۆرۈنگەن. باشتا كۆرۈنگەن ئوتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەچكە، ئامېرىكا تەرەپ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق بۇ ئوتتىن شەكىللەنگەن نامەلۇم ئورەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان. بۇ مەسىلە ئويلىمىغان يەردىن ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغان خىتاي دەرھال مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، بۇ ئورەكنىڭ «يەر ئاستى كۆمۈر ئوتى» ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەگەر بۇنداق غەلىتە ھادىسە مەلۇم رايوندا يۈز بېرىپ قالسا پەقەت بىرلا ئېھتىماللىق بار بولۇپ، بۇ رايونغا يېقىن جايدا غايەت زور مىقداردا كۆمۈر بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھادىسە ئامېرىكا تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن باشقا، ھىندىستان تەرەپمۇ بۇنى كۆرگەندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر غەلىتە ھادىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قايسى رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى تېخىچە ئاشكارا قىلمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2364 قېتىم كۆرۈلدى
07/12/2022 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق