ئەنگلىيەنىڭ پېشقەدەم پارلامېنت ئەزاسى تەيۋەن زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن: «ئەنگلىيە تەيۋەننى قوللاشتا جاسارەتلىك بولۇشى كېرەك» دېدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-دېكابىرىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى توبىياس ئېلۋۇد (Tobias Ellwood)ئەنگلىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نۇرغۇن ئىزدىنىشكە تېگىشلىك ساھەلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەن بىلەن سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش تۈرى مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق قوشۇۋېلىش ھەققىدىكى داۋاسى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي بېسىمى كۈنسېرى ئاشقان. تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيەت ئەھۋالى ۋە دېڭىزدىكى ھەربىي مانېۋىرنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن. تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيەت ئەھۋالىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش سەۋەبلىك ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى تەيۋەنگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى، ھەتتا نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي بۇ ئۆزگىرىشلەرنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ داۋا قىلغان.
ئېلۋۇد ئەنگلىيەنىڭ تەيۋەننى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن-تەمىنلىمىگەنلىكى ۋە تەيۋەن بىلەن قورال-ياراغ ياكى ئاخباراتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغان-بولمىغانلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا: «شۇنداق ھەمكارلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك ئالدىنقى ئايدا ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «ئالتۇن دەۋر» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئېلۋۇد رويترس ئاگېنتلىقىغا يوللىغان ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىسىدا: «مەن 5-ئايدا كومىتېت ئەزالىرىمنى يىغىپ بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمەن» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ