كانادا ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى «ۋەيران قىلغۇچى كۈچ» دەپ سۈپەتلىگەندىن كېيىن، تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى ئەنگلىيەنىڭ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭ يەنىلا خەلقئارالىق دېڭىز بوغۇزى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئۇ مۇخبىرغا بەرگەن جاۋابىدا يەنە: «بىز تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىدە خەلقئارا قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان تەرتىپنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. شۇڭلاشقا، بۇ يىل يازدا بىزمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بىر قوغدىغۇچى پاراخوتىمىزنى ئەۋەتتۇق. بىز تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان قوغدىغۇچى پاراخوتلارنى يەنە ئەۋەتىمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىغا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خەلقئارا دېڭىز ساھەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى مېلانى جولى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رۇمىنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، كانادانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا يېڭىدىن ھەربىي مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مېلانى جولى يۇقىرىقى سۆزلىرىنى كانادانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتا تۇنجى تۈزۈپ چىققان ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇخارېستتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاي مەسىلىسىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلغان. مۇزاكىرە جەريانىدا ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرغان
تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ