مۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئەڭ ناچار ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك

بەش بۇرجەكلىك بىنا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى دوكلاتتا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قىلغان مانېۋىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى ھەمدە ئەمەلى ئۇرۇش تۈسىنى ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسەن مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا تەييارلىق قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە 2022-يىللىق خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە مانېۋىرلارنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپەيگەنلىكى ۋە ئەمەلى جەڭ تۈسىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى بۇ مەسىلىدە: «بارلىق پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق بۇزۇلماقتا، شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بار. ۋاشىنگتون بىلەن تەيۋەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ناچار ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېگەن.

29-نويابىر بەش بۇرجەكلىك بىنا پارلامېنتقا يوللىغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2021-يىلى تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي بېسىمىنى ئاشۇرغان. 2021-يىلدىن 2022-يىلغىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ تەيۋەن تەلەپ قىلغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشى ۋە تەيۋەننىڭ سىرتىدىكى ئاراللارنى ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان مانېۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرى شىددەت بىلەن ئاشقان. بۇ ھادىسىلەر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ تەخىرسىز ھالدا تېرىشىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 985 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2022 19:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق