خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى ئېلان قىلغان ئېمبارگو تەدبىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىغا قارشى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.
خىتاي يەرشارى تورىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي باياناتچى شۇ جۆتىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قويغان ئېمبارگوسىغا قارشى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 25-نويابىر ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى بەش خىتاي كارخانىسىنىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىش ۋە سېتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاي باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ خىتاي كارخانىلىرىنى يامان نىيەتتە باستۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېسسىكا روسېنۋورسېل 25-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشەنچسىز خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى، بۇ يېڭى قائىدىلەرنىڭ ئامېرىكا خەلقىنى تېلېگرافقا چېتىشلىق دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تىرىشچانلىقنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا فېدېراتىپ ئالاقە كومىتېتى بۇ قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ خۇاۋېي، جوڭشىڭ، خەيكاڭ، خەينېڭدا ۋە جېجياڭ داخۇا قاتارلىق بەش شىركەتنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەر يەتكۈزىدىغان ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزگەنىدى ۋە بۇ سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلىگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ