ياشلار شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن فاتىھ جامەسىدە جەم بولدى

ئىستانبۇل فاتىھ جامەسىدە 4-دېكابىر ئەتىگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ئۇچرىشىش ۋە دۇئا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، IHH ياشلار شۆبىسى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىدى.

قاتناشقۇچىلار بامدات نامىزىدىن كېيىن جامە قورۇسىغا يىغىلىپ ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، جازا لاگېرلىرى سىياسىتى تۈگىمەستىن نەچچە ئايدىن بۇيان ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا خەلقنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىش، قاتتىق خورلاش قاتارلىق جىنايەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچىدىكى قەستەن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭمۇ ئەنە شۇ قاتتىق قامال قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بامدات نامىزىغا يىغىلغان ياشلار ۋە مەسچىت جامائىتى خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي جىنايەتلىرىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1494 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2022 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق