مۇسۇلمان قانۇنشۇناسلار بىرلىكى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

مۇسۇلمان قانۇنشۇناسلار بىرلىكى مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئەنگلىيەدە ئالدىنقى قاتاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قانۇنشۇناسلار بىرلىكىدىن ساجىدە مالىك خانىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
ساجىدە خانىمنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر جەمئىيەت ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
زىيارەتتە جەريانىدا ساجىدە خانىمغا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ كەلگۈسىدىكى خىزمەتلەردە، جۈملىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1306 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2019 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق