خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە «پىكىردە بىرلىك ۋە مۇجادىلە مۇنبىرى» ھەمدە تۈركىيەدىكى نۇرغۇنلىغان يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا، 4-دېكابىر خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىش پىكىردە بىرلىك ۋە مۇجادىلە مۇنبىرى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، يەسەۋى ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى قاتارلىق 60 تىن كۆپ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشقا يەرلىك خەلقتىن باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئۈن چىقار» شوئارى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىشتا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى قەستەن ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
نامايىشتا ئالدى بىلەن پىكىردە بىرلىك ۋە مۇجادىلە مۇنبىرىنىڭ رەئىسى كۈرشات مىجان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئەۋەتىپ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى ۋە تۈرك خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن خىتايغا قارشى كۈچلۈك سادا چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر تەرەپتىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، جىنايەتنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ئۈرۈمچىدىكى ئوت قويۇپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بۇ ۋەھشىي جىنايەتلەرگە قارشى ئىسلام دۇنياسى، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بارلىق پارتىيەلەر يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بىر ھەيئەت تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشكە چاقىردى.
ئارقىدىن «ئانادولۇ جەڭچىلىرى» تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ھارۇن شىمشەك ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈركىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا قارشى ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىشتا ئۈرۈمچىدىكى پاجىئەدە پۈتۈن ئائىلىسى شېھىت بولغان مۇھەممەد سۆز قىلدى ۋە دۇنياغا خىتاب قىلىپ، خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە نۆۋەتتە ئىز-دېرىكى بولمىغان دادىسى ۋە ئاكىسى ھەققىدە سوئال قويدى.
ئارقىدىن يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسىدىن سالى ئەمىر يىنەربەي، خەلقئارا كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەملىشىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يۈجەل ئۆزتۈرك، ھۆر داۋا پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئىفتاھ گۈۋەنجىكبەي، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى مەھمۇت داموللام قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى پەرقلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
بىرلەشمە نامايىش شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.
شۇ كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە يەنە ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش تەشكىللىگەن بولۇپ، «قاتىل خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا توختا دېگىن» شوئارى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا كۆپ ساندا تۈرك ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىشتا ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى مەھمەت يارئوغلى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ بارلىق جىنايەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشنىڭ ۋە ھەربىر سۇپىدا بۇ مەسىلىنى ئىپادىلەشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى.
تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ