خىتايدا يېقىنقى كۈنلەردە ئۇدا ئېغىر ئوت ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى شياۋشەن رايونىدىكى زاۋۇت سېخىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
بېجىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئورگان تورىنىڭ 3-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خاڭجۇدىكى ئوت ئاپىتى 2-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا تۆت كۈن ئىچىدە ئۇدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاپەت ئوخشاشلا زاۋۇتلاردا يۈز بەرگەن ۋە ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، ئوت ئاپىتى خاڭجۇ شەھىرى شياۋشەن رايونى شىنجيې كوچىسىدىكى بىر زاۋۇت بىناسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، زاۋۇت بىناسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان.
30-نويابىر فۇجيەننىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت پۈتكۈل زاۋۇتنى قاپلىغان. قويۇق ئىس-تۈتەكنىڭ ئېگىزلىكى ئون مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.
29-نويابىر يەنە گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭگۇەندىكى بىر زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئىس-تۈتەك پەلەكنى قاپلىغان. ئەتراپتىكى ئاھالىلەر پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان. دوڭگۇەن جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خۇمېن شۆبىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئوت كەتكەن بىنا بىر قەۋەتلىك خىش تام بېتون بىلەن سېلىنىپ ئۈستى تۆمۈر بىلەن يېپىلغان. ئوت تۇتاشقان ئورۇن يېپىشقاق ماتېرىيال سېخى ئىكەن. ئوت ئاپىتىدە كۈلگە ئايلانغان يەر تەخمىنەن 300 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىق كۈلگە ئايلانغان ماددىلار قەغەز ۋە رەخت ئىكەن.
ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ گۇاڭشىدىكى ياغاچ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا 29-نويابىر كەچ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دە ئوت كەتكەن بولۇپ، كۆيگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 160 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەزكۇر ئاپەتتە ئېغىر ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىققان.
خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ھەرقايسى ئاپەتلەردىكى ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.
تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ