ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە قارار لايىھەسى ماقۇللىدى.
ياپونىيە رادىيو شىركىتى (NHK) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسى بۈگۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادە قىلغان.
بۇ قارار بۈگۈن ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنىدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، قاراردا خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندا خىتاينىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش، سەۋەبسىز تۈرمىگە سولاش قاتارلىق قىلمىشىغا قارشى قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
قاراردا يەنە ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ھالەتنى قورال كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ياپونىيە بۇ مەسىلىدە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنى رازى قىلالىغۇدەك چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، يۇقىرى پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتايغا دىققەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بېلەت تاشلاش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا ھۆكۈمەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ قاراردا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى 2-ئايدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن ئىلگىرى تۆۋەن پالاتانىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارارنى ماقۇللىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ