ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى باغجىلار شۆبىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.

2-دېكابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى باغجىلار شۆبىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى. ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 24-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئۈرۈمچىدە خەلقنىڭ ئىشىكلىرىنى كەپشەرلەپ تاقاپ قامال قىلىپ 40 تىن ئارتۇق كىشىنى قەستەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، مەزكۇر ئوت پاچىئەسىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قەستەنلىك بىلەن قىلغان جىنايىتى يوشۇرۇنغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر

بۇ خەۋەر 1370 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2022 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق