تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىككى ۋىلايەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەرەب ئىسلام دۇنياسى خەلق دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسئۇلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەت 30-نويابىردىن 2-دېكابىرغىچە ئۈچ كۈن تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتى بىلەن بۇرسا ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

ھەيئەت 30-نويابىر ئالدى بىلەن بالىكەسىر ۋىلايىتى ئالتە ئېيلۇل شەھىرىنىڭ رەئىس ۋەكىلى فەيياز چىفىتچى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەت ئۈچ كۈن داۋامىدا بالىكەسىر بىگادىچ ئانادولۇ ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە مەقبۇلە ئېفې ئانادولۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ۋە بالىكەسىر سىندىرگى ئىلىم تارقىتىش جەمئىيىتىدە «قانىغان يارا - شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ھەيئەت بالىكەسىر ۋىلايىتى ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، شۇنداقلا ئوت ئاپىتىنى باھانە قىلىپ قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

ھەيئەت يەنە بالىكەسىر ۋىلايىتى دۇرسۇنبېي ئانادولۇ ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ بالىكەسىر شۆبىسىنى زىيارەت قىلغاندىن باشقا، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى بالىكەسىر شۆبىسىنى، ئالپەرەن ئوجاكلىرى بالىكەسىر شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى.

2-دېكابىر كەچتە بۇرسا ۋىلايىتى قاراجابېي ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە جەمئىيەت مەسئۇللىرى يىغىلغان سورۇندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

ھەيئەت ئۈچ كۈن داۋامىدا زىيارەت قىلغان پارتىيە، تەشكىلات ۋە ئورگانلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ، زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇمى يەتكۈزۈپ بەرمەي قىيناپ قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى كەپشەرلەپ تاقاپ قامال قىلىپ، قەستەن 40 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتىدىكى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى. يىغىلىشلاردا يەنە بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

شۇنداقلا 2-دېكابىر شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باغجىلار شۆبىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ۋە 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن جىنايەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1185 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2022 17:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق