خىتاي بەش ياشلىق سەبىينىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان 11 مىنۇتلۇق سىن گەرچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خەلقنىڭ يەنىلا ئۈمىدلىك ھالدا: «كۆز ياشلىرىمىز بىكارغا ئاقمايدۇ، ھەممە ئىشنىڭ ئۆتنىسى بولىدۇ» دەپ ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتايغا قارشى قولىدىن كەلگەن ئۇسۇللار بىلەن ئۈمىدلىك ھالدا كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەزكۇر سىن 2-دېكابىر تارقالغان بولۇپ، سىندا قان راكىغا گىرىپتار بولغان بەش ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق قامال قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بالىنىڭ ئانىسى يەرلىك دائىرىلەرگە قانچىلىغان قېتىم يالۋۇرۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار قۇلاق سالماي، بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا رۇخسەت قىلمىغان ياكى دوختۇرخانا بالىنى قوبۇل قىلمىغان. بالا 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ قىزىشقا باشلىغان بولۇپ، قىزىتمىسى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاساسەن 40 گىرادۇستىن چۈشمىگەن. بالا ئاخىرى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قازا قىلغان. چارىسىز ئانا خىتاي رېجىمىغا بىر ئايدىن ئارتۇق يالۋۇرغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بالا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، كېسەل ئاللىبۇرۇن ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇپ، بالىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى كېرەكتىن چىققان.

ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق يۈرەك پارىلىرىدىن ئايرىلغان ئانىلارغا ۋاكالىتەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش جىنايىتىنى سىن ئارقىلىق ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر ئۇيغۇر ئايال شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئانىلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ: «كۆزۈمدىن ياش ئېقىۋاتقىنى بىلەن قەلبىمدىن قان ئېقىۋاتىدۇ. يۈرىكىم ئادالەتسىزلىك ئوتىدا، شۇنداقلا ئىلاجسىزلىق ئوتىدا كۆيۈۋاتىدۇ. بۇ بالامنى سېغىنىش ئوتى ئەمەس، بەلكى ئادالەتسىزلىككە قارشى غەزەپ ۋە ئىلاجسىزلىق ئوتلىرى يۈرىكىمدە كۆيۈۋاتىدۇ» دېگەن. ئانا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى نۇرغۇن ئېچىنىشلىق نەرسىلەرنى سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نۆۋەتتىكى ئىشلارنى سۆزلەشكە ھېچقايسىمىزنىڭ قۇربى يەتمەيدۇ، لېكىن ھامان بىر كۈنى مۇشۇ كۆز ياشلارنىڭ نەتىجىسى چىقىدۇ. بۇ كۆز ياشلىرىم بىكارغا ئاقمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بىز نۇرغۇن ئىشلارغا سەۋەب قىلايلى دەپمۇ سەۋەب قىلالمىدۇق. شۇنچىلىك ئىلاجىسىز كۈنلەرگە قالدۇق» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1664 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2022 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق