رۇسىيە قازاقىستاننى يېنىغا تارتىشقا تېرىشقان بولۇپ، پۇتىن ئىمزالىغان ئەڭ يېڭى باياناتتا «يادرو ئۇرۇشى» توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 28-نويابىر رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش قوشما باياناتى»نى ئىمزالىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىرېمىل سارىيى ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ھۆججەت خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان. ھۆججەتتە: «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولسا يادرو ئۇرۇشىدا يەڭگۈچىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. يادرو ئۇرۇشى قوزغاشقا مەڭگۈ يولغا قويۇلمايدۇ» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى) كېڭىشىنىڭ يىغىنى 23-نويابىر ئەرمېنىيەنى پايتەختى يېرېۋاندا يېپىلغان. يىغىندا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا زامانىۋى قورال ۋە ئالاھىدە قورال سەپلەپ بېرىشنى قوللاشنى مۇراجىئەت قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ