خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن يەنە نارازىلىق نامايىشىنى داۋام قىلدى.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يېغىۋاتقان يامغۇر ۋە سوغۇق ھاۋاغا قارىماي، بۈگۈن ئەتىگەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتايغا قارشى غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈردى.
نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە ئوت ئاپىتىدە شېھىت بولغانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «خىتاي چوقۇم ھېساب بېرىدۇ»، «خىتاي ئىرقىي قىرغىن قىلىشنى توختات» دەپ شوئار توۋلىدى.
نامايىشچىلار يەنە خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن دېڭىز بويىدا پىيادە يۈرۈش قىلىپ، خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشنىڭ باشلانغىنىغا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولغان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيە ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.