ئاق قەغەز قارشىلىق نامايىشى خوڭكوڭغا كېڭەيدى

خىتايدىكى «ئاق قەغەز قارشىلىق ھەرىكىتى» يېقىندا خوڭكوڭغا كېڭەيگەن بولۇپ، خوڭكوڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 1-دېكابىر خوڭكوڭدا «رەڭلىك ئىنقىلابىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا باشلانغان «ئاق قەغەز قارشىلىق ھەرىكىتى» يېقىندا خوڭكوڭغا تارقالغان. خوڭكوڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ بىڭچياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئالامەتلىرىنى بايقالغان بولۇپ، «رەڭلىك ئىنقىلابنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى» ئوتتۇرىغا چىققان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتى خىتاينىڭ «ئاتالمىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا قامال قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بولۇپ، خەلق ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان خوڭكوڭ خەلقى كوچىلىرىدا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قورۇلىرىدا ئۈرۈمچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان.

دېڭ بىڭچياڭنىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە كوچىلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۈرۈمچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوت ئاپىتى ۋەقەسىدىن كېيىن ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي سۇپىلاردا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان.

دېڭ بىڭچياڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى «تەشكىللىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان رەڭلىك ئىنقىلابنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى» دەپ ئاتىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 994 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2022 18:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق