خەلقئارا خاككېرلار گۇرۇپپىسى خىتايغا بەش تۈرلۈك شەرت قويدى

خەلقئارالىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى خىتاي رېجىمىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن «ئاق قەغەز قارشىلىق ھەرىكىتى»نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتايغا بەش تۈرلۈك شەرت قويغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسى نامسىز ھالدا «ئاق قەغەز ھەرىكىتى»نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۈگۈن خاككېرلار خىتاينىڭ بىر قانچە ھۆكۈمەت تور بېتىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، شاڭخەي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ باۋكۇننىڭ كىملىكنومۇرى ۋە شاڭخەي ساقچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. خاككېرلار گۇرۇپپىسى يەنە خىتاي رەئىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە مەسىلىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئاگاھلاندۇرۇش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نامسىز تېلېگرامما ھېساباتىدىكى ئۇچۇردا: «خىتاي خەلقى غەيرەت قىلىڭلار، سىلەر يالغۇز ئەمەس!» دېيىلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نامسىز مەكتۇپتا خىتاي كومپارتىيە ئورگانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ: «سىلەر بىزنى توسۇپ قالالمايسىلەر، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى خالايدىغان پۇقرالارغا ھوقۇقۇڭلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىمزنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈشىڭلار كېرەك» دېيىلگەن.

نامسىز خاككېرلار ئاخىرىدا يەنە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان: 1. مەجبۇرىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي كارانتىن قىلىشنى توختىتىش، يۇقۇم سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆز ئىختىيارىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە ئىختىيارىي ئايرىپ كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 2. خىتايدىكى سۆز ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار يازمىلارنى ئۆچۈرمەسلىك ۋە ھېساباتنى تاقىماسلىق، تور مۇداپىئە توسۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەلقنى خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىش 3. ئاق قەغەز قارشىلىق ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى بىكار قىلىپ قويۇپ بېرىش. 4. پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇپ، چېگرانى ئېچىۋېتىش، چېگرادىن چىققانلارنى قايتىشقا مەجبۇرلىماسلىق. 5. رەئىسنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپە ئۆتەش سىياسىتىنى بىكار قىلىش.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 972 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2022 18:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق