خىتاي نارازىلىقنىڭ قوراللىق ھەرىكەتكە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قەستەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش پاجىئەسىدىن كېيىن، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاي نۆۋەتتىكى خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق ھەرىكەتكە ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايوننىڭ يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 29-نويابىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يىل ئاخىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلغان. بۇ چوڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى 1-دېكابىر باشلىنىپ، كېلەر يىلى 1-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەزكۇر چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش ھەرىكىتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق ۋىلايەت ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە يولغا قويىدىكەن. بۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ھەرقايسى ساھە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باش بولۇپ تەشكىللەيدىكەن. خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكەتنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى ئاچقۇچلۇق خادىملارنى ئىشقا سېلىپ، بىخەتەرلىك تۈزۈمى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىكەن. بۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇل بولۇپ، كۆمۈركان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، ساليۇت قاتارلىقلارنى كونترول قىلىدىكەن. بۇ ئورگان يەنە يوشۇرۇن خەۋپنى ئالاقىدار ئورگانلارغا تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى» نامىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش-تۈزەش باسقۇچى، مەركەزلىك تۈزەش باسقۇچى، مۇستەھكەملەش-ئۆستۈرۈش باسقۇچى قاتارلىق ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە قاماپ، 40 نەچچە كىشىنى قەستەن ئۆلۈمگە ئىتتىرىش قىلمىشىنى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستان ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى قارشىلىق كەيپىيات خىتاينى ئەنسىرەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 957 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2022 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق