«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرايلى» تېمىسىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

1-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) فاتىھدىكى باش مەركىزىدە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرايلى»تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ (IHH) باشچىلىقى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە خەلقئارا كۆچمەنلەر ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن تەشكىللەندى. ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە دۇنيانى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا رەھىم-شەپقەت يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايدىن مەنپەئەت ئېلىش كويىدا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى خەلقلەرنى ۋەيران قىلىپ قىلغاندىن كېيىن، نۆۋەت ئىسلام دۇنياسى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېلىدىغانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن قىلىۋاتقان بارلىق سودىلىرىنى توختىتىپ، خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن خەلقئارا كۆچمەنلەر ھوقۇقى جەمئىيىتىدىن ئادۋوكات ئابدۇللاھ رەسۇل دېمىر بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بېرى نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا سولاپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشىكلەرنى تاقاپ خەلقنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ 10 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ پاجىئەدە 44 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ پەقەتلا بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ نورمال بىر ئاپەت ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق ۋىلايەت-شەھەرلىرىدە قاتتىق قامالنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، قاتتىق قامالدا ئاچ قالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىدەك پاجىئەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۈركىيە باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراھماننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىلەن شاراپەتمۇ قاتناشتى. مۇھەممەد سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتايدىن جازا لاگېرىغا قامالغان دادىسى بىلەن ئاكىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىدە قەستەنلىك بىلەن يۈز بەرگەن پاجىئەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئانىسى، قېرىنداشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئارقىدىن شاراپەتمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن بۇ قېتىملىق پاجىئە ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى ۋە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1690 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2022 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق