پاكىستان باش مىنىستىرى: تۈركىيەنىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز

خىتاي پاكىستاننىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرىگە تۈركىيەنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن.

 خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 28-نويابىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

يىغىندا پاكىستان ئاگېنتلىقىنى مۇخبىرى باياناتچى جاۋ لىجيەندىن: «يېقىندا پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، پاكىستان تۈركىيەنىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟» دەپ سورىغان.
جاۋ لىجيەن ھىيلىگەرلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان سۇپا، خىتاي بىلەن پاكىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان ھەرقانداق تەكلىپنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي تەرەپ پاكىستان بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇۋاپىق شەكىلدە كارىدور قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشچە، پاكىستاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ قەرز توزىقىدىن چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك تۈركىيەنىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 752 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2022 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق