خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك بايلىقىنى كۈچەپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بويان ئىزچىل تۈردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندىن بىرى ۋەتىنىمىزنىڭ توك بايلىقىنى ئاتالمىش« توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نامىدا كۈچەپ بۇلاڭ -تالاڭ قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 10-ئايدا خىتايغا توشۇلغان ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 2 مىليارد 638 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. 

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 10 - ئايدا، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش » نامىدا خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى 7 مىليارد 643 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 2 مىليارد 638 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ 30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك بايلىقىنى خىتايغا تۆت يول ئارقىلىق توشۇۋاتقان بولۇپ، 10- ئايدا، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى تۆت يول ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي شىمال ئاساسىي تورىنى تۇتاشتۇرغان 750 كىلوۋولتلۇق 1 -، 2 - يولنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 1 مىليارد 523 مىليون كىلوۋات سائەتكە، قولۇمنىڭ جەنۇبى - جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 3 مىليارد 266 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. سانجى - گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 2 مىليارد 854 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىق ۋە ئېنېرگىيەلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قىلمىشى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى قىدىرىش، ئېچىش، يۆتكەش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. يېقىندىن يىللاردىن بىرى خىتاي ۋىرۇسى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي ئۆز ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى كۈچەپ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىشقا باشلىغان.  

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1517 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2022 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق