ئالتايدا يەتتە ئادەم توڭلاپ ئۆلگەن

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە سوغۇق نۆلدىن تۆۋەن 48.6 گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ، يەتتە ئادەم سوغۇقتا توڭلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالتاي شەھەر دائىرىلىرى 28-نويابىر كەچتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قاتتىق سوغۇق سەۋەبلىك شەھەردىكى مەلۇم قۇرۇلۇش ئورنىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يەتتە نەپەر ئادەمنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 20-نويابىردىن باشلاپ، ئالتاي ۋىلايىتى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋارايىغا دۇچ كەلگەن. سوغۇق ھاۋا رايىغا قوشۇلۇپ، كۈچلۈك شامال، شىۋىرغان قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى كۆرۈلگەن. 26-نويابىر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23:00 ئەتراپىدا، ئالتاي شەھىرى ساقچى دائىرىلىرى G217 لىنىيەسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىرىنچى توختام بۆلۈمىنىڭ K58 بېكىتىدىكى سەككىز خىزمەتچى خادىمنىڭ پەۋقۇلئاددە ئاپەت خارەكتىرلىك سوغۇق ھاۋا سەۋەبىدىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان. ساقچىلار مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن تەشكىللىنىپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. 27-نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ھاياتىدىن ئايرىلغان 8 ئادەم تېپىلغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. بۇلار ئىچىدە بىر كىشىنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى مۇقىم بولغانلىقى سەۋەبلىك قۇتقۇزىۋېلىنغان. يەتتە نەپەر كىشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1678 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2022 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق