خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى

ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قەستەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش پاجىئەسىدىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە نامايىش جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 30-نويابىر سەھەردىلا ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى جايلاشقان كوچىغا يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە شېھىتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگىنىچە، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. نامايىشقا ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراھماننىڭ ئوغلى مۇھەممەدمۇ قاتنىشىپ، بۇ پاجىئەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئانىسى، قېرىنداشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.

بۇ جەرياندا ئامانلىق قوغداشقا مەسئۇل بىر ساقچى ئەمەلدارى نامايىشچىلارنىڭ كونسۇلخانىدىن يىراقلىشىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ جەرياندىكى ئىنتايىن قوپال مۇئامىلىسى ۋە تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئوخشاش تەھدىت ئارىلاش سۆزلىرى نامايىشچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بۇ ھەقتىكى سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تۈركىيەنىڭ ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۈرك خەلقىمۇ مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى. تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى.

قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن، ئىستانبۇل ئامانلىق مۇدىرلىقى رەسمىي ھېسابىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشنىڭ رۇخسەتسىز ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا نامۇۋاپىق سۆز-ئىبارىلەرنى قوللانغانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇمۇ مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار ئەمەلدارنىڭ نامايىش جەريانىدىكى قىلمىشى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىغا يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ۋە پۇقرالىق بېرىشتەك خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىش بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئاشكارىلانغان بىر پارچىسى بولغان بۇ قېتىملىق پاجىئەگە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1162 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2022 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق