ئاتۇش بىلەن گۇمىدا يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى ۋە گۇما ناھىيەسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يەر تەۋرىدى.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسى ئاتۇش شەھىرىدە 29-نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە (شىمالىي كەڭلىك 40.41 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇقى 77.09 گىرادۇس) دا 4.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.

خىتاي رېجىمى تەۋرەشتە كېلىپ چىققان ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى، كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

ئۇندىن باشقا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 3.0 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاي يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇما ناھىيەسىدە 30-نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 02:40 تا (شىمالىي كەڭلىك 37.65 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.81 گىرادۇس)دا 3.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1535 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2022 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق