خىتاي رېجىمىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش قىلمىشىغا دۇچ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرى داۋاملىق كوچىلارغا چىقىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، گۇاڭجۇدىكى نامايىشتا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكە ۋە شەھىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا قامال قىلىش تەدبىرلىرىگە قارشى كەم كۆرۈلىدىغان نامايىشلار يۈز بەرگەن. خىتاي رېجىمى قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىمىقتۇرغان. يېقىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ بەزى رايونلاردا خىتايغا قارشى يېڭى نامايىشلار ئوتتۇرىغا چىققان. بەزى سىنلاردا خەلقنىڭ قامالنى بۇزۇپ تاشلاپ، قارشىلىق كۆرسىتىش ئەھۋاللىرى كۆرسىتىلگەن.
29-نويابىر تىۋىتتېردا تارقالغان بىر قانچە سىندا بۇلارنىڭ شۇ كۈنى كەچتە گۇاڭجۇنىڭ خەيجۇ رايونىدىكى نامايىش نەق مەيدانىدىكى كۆرۈنۈش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. سىنلارنىڭ بىرىدە ئاق رەڭلىك ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش فورمىسى كىيگەن يۈزلىگەن ساقچىنىڭ قالقانلارنى تۇتۇپ، نامايىشچىلارغا قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ جەرياندا غەزەپلەنگەن خىتايلار ئۇلارغا ئەخلەتلەرنى ئاتقان. سىننىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ساقچىلارنىڭ بىر قىسىم كىشەنلەنگەن كىشىلەرنى نەق مەيداندىن تۇتقۇن قىلىپ ماڭغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشنى باستۇرغان ساقچىلار تار كوچىدا نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تاشلىغان بولۇپ، نامايىشچىلار يۈگۈرۈشۈپ بومبىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ يېڭى تارقالغان سىنلارنىڭ ھەقىقەتەن گۇاڭجۇنىڭ خەيجۇ رايونىدا بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ