ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە قاماپ، 40 تىن ئارتۇق كىشىنى قەستەن ئۆلۈمگە ئىتتىرىش قىلمىشىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. ئوت تۇنجى تۇتاشقان ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۈ دوستلىرىغا ئېچىنىشلىق ئوت ئاپىتىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىشتەك رەزىل مەقسىتىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دەسلەپ ئوت تۇتاشقان ئۆيدە توك قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان كىچىك تېلېۋىزور بار بولۇپ، ئادەتتە ئۆي ئىگىسىنىڭ پەرزەنتلىرى كارتون فىلىم كۆرىدىكەن. ئۆي ئىگىسى پەرزەنتلىرى كارتون كۆرۈۋاتقان ۋاقىتتا ھورداققا چۈشكەن. بۇ جەرياندا ئۆينىڭ توكى ئۆچكەن بولۇپ، چىقىپ قارىغىنىدا بىخەتەرلىك ئۈزچاتى چۈشۈپ كەتكەن. ئۇ ئۈزچاتنى قايتا كۆتۈرۈپ ئىشىنى داۋام قىلغان. ئازراق ئۆتكەندىن كېيىن، قىزى ئۆيدىن ئىس چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. چىقىپ قارىسا ئوت تۇتىشىپ كۆيۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئوتنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ ئولتۇراق رايون خادىملىرىغا مەلۇم قىلغان. خادىملار كىرىپ بولغۇچە تېلېۋىزور كۆيۈپ كارىۋاتقا تۇتاشقان. بۇ ۋاقىتتا ئوتنى سۇ چېچىپ ئۆچۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى سۇ چېچىپ ئۆچۈرۈشكە تەمشەلگەن ۋاقىتتا، ئولتۇراق رايون خادىملىرىدىن ئىككى كىشى چىقىپ: «بىز بۇ ئوتنى ئۆچۈرمەيمىز، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى كېلىپ ئۆزى ئۆچۈرسۇن» دېگەن. ئۆي ئىگىسى ئوتنى سۇ چېچىپ ئۆچۈرىدىغانلىقى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئىككى ئەمەلدار ئۇنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلماي، بىنادىن مەجبۇرىي چۈشۈرگەن.

ئەسلىدە ئوتنى سۇ چىچىپ ئۆچۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، خادىملار ئوت تۇتاشقان ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتكەن. ئوت تۇتاشقان ئۆي 15-قەۋەتتە بولۇپ، بىنادىن پەشتاق ئارقىلىق چۈشىدىغان ئىشىك سىم ئارقىلىق تاقىۋېتىلگەن بولغاچقا، خادىملار بىنانىڭ توكىنى ئۆچۈرمەستىن، ئۆيلەردىكى كىچىك بالىلارنى لىفىت ئارقىلىق بىنادىن ئېلىپ چۈشۈپ كەتكەن. پەقەت ئەمەلدارلار بىلەن بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەر ساق قالغان. ھەتتا ئىككى ئەمەلدار ئوت تۇتاشقان ئائىلىنىڭ ئۇدۇل قوشنىسىنىڭ ئىشىكىمۇ ئېچىۋېتىلمىگەن. نەتىجىدە 15-قەۋەتتىكى ئوت تۇتاشقان ئائىلىنىڭ ئىككى يان قوشنىسىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. ئوت 15-قەۋەتنىڭ ئاستىدىكى ئىككى قەۋەتكە تۇتاشقاندىن باشقا، ئۈستى قەۋەتتىن ئىككى ئۆيمۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى قەۋەت چالا-پۇچۇق كۆيگەن بولۇپ، جەمئىي سەككىز ئۆي كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان.

بۇ گۇۋاھچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتنىڭ ئۆيگە تۇتىشىشى خىتاي رېجىمىغا باھانە بولۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىغان. ئەسلىدە دائىرىلەر ئوتنى ئۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان تەقدىردە، ئوتنى سۇ چېچىپلا ئۆچۈرگىلى تامامەن بولىدىكەن. خىتاينىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئوت تۇتىشىپ ئۈچ سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاپەت مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن. ئوت ئۇلغىيىپ كەتكەندە ئۆيلىرىدە قاپسىلىپ قالغان كىشىلەر ئولتۇراق رايون خادىملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار «ھەرىكەت قىلماي، لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ ئېغىزىڭلارنى يۆگەپ تۇرۇڭلار» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. خىتاي رېجىمى ئاپەتنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئوت تۇتاشقان ئۆي ئىگىلىرىگە ئارتىش ئارقىلىق، ئۆزى مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان. نۆۋەتتە ئوت تۇتاشقان ئۆينىڭ ئىگىسى سوراق قىلىنماقتىكەن.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1798 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2022 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق