27-نويابىر بېيجىڭدا نامايىش قىلغان نامايىشچىلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭدىكى نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى سۈرۈشتە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. فىرانسىيە مۇخبىرى يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان نامايىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كىملىكى تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يەكشەنبە كۈنى نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى چاقىرىققا ئاساسەن تۇيۇقسىز بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە ۋۇخەندىكى كوچىلارغا چىقىپ، ساقچىلارنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ قېتىمقى ئاق قەغەز كۆتۈرۈش نامايىش ھەرىكىتى 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بېرىپ خەلق قاتتىق باستۇرۇلغان قارشىلىق ھەرىكىتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىرى ئىكەن.
بىر نامايىشچى فىرانسىيە خەلقئارا رادىيو مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى نامايىشقا قاتناشقان بەش دوستىغا بېيجىڭ ساقچىلىرى تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇخبىرغا: «ساقچى بىۋاسىتە مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىدى ھەمدە مەندىن تۈنۈگۈن كەچتە لىياڭما دەرياسىغا باردىڭمۇ، دەپ سورىدى. ئۇ مەندىن يەنە قانچە كىشىنىڭ بارلىقىنى، مېنىڭ يىغىلىشنى قاچان، قەيەردە، قانداق ئاڭلىغانلىقىمنى سورىدى» دېگەن.
نامايىشچى فىرانسىيە مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبى بىلەن ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇ: «ساقچىلار يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بىزدىن قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۇلارغا يەتكۈزمەكچى بولغان تەلەپلىرىمىزنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى» دېگەن. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ساقچى ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن يىغىلىشقا بارماسلىقنى، تىنچ ئۇسۇل بىلەن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تاپىلىغان. ئۇ ساقچىلارنىڭ تېلېفوننى بىر قېتىم قوبۇل قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، ساقچىلار دوستىنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ كەلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ